ئەردوغان پۇتىنغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيەنىڭ كېمېروۋو شەھىرىدىكى بىر سودا مەركىزىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

938555
ئەردوغان پۇتىنغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىنغا «ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت، قىممەتلىك دوستۇم» دەپ خىتاب قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېگراممىسىدا «رۇسىيەنىڭ كېمېروۋو شەھىرىدىكى بىر سودا مەركىزىدە مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتىدە بەزىلىرى بالىلار بولۇپ كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ۋاپات بولغاندىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپتىم. ئۆزۈم ۋە خەلقىم نامىدىن بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر تىلەيمەن، سىز ۋە دوست رۇسىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

يەكشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ كېمېروۋو شەھىرىدىكى بىر سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قەۋىتىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 41 ى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 64 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 44 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر