تۈركىيە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش قارارىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە، ئىسپانىيە، ئىرېلاندىيە ۋە نورۋېگىيەنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2142869
تۈركىيە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش قارارىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتلىرى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز ئىسپانىيە، ئىرېلاندىيە ۋە نورۋېگىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتلىرىدىن ئىنتايىن خۇشالمىز. پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش خەلقئارا قانۇن، ئادالەت ۋە ۋىجداننىڭ تەقەززاسى. ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن خەلقىنىڭ تارتىۋېلىنغان ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنىشى، پەلەستىننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئۆزىگە لايىق سالاھىيەتكە ئىگە بولۇشى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم بىر قەدەم. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر