فىدان تۈرك دۆلەتلىرى پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلى يىغىنىدا سۆز قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا قارشى ئورتاق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

2142871
فىدان تۈرك دۆلەتلىرى پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلى يىغىنىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر فىدان پايتەخت ئەنقەرەدە چاقىرىلغان تۈرك دۆلەتلىرى پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى رەئىسلىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلدى.

پەلەستىننى قوللاشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن فىدان، غەززەدە كۆپ سانلىقى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، ئون مىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئۈزۈل-كېسىل توختىتىش ئۈچۈن، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسىنى يولغا قويۇشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ھازىرقى شارائىتتا، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئورتاق پوزىتسىيە نامايان قىلىشى، تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر ئەخلاقىي كۈچ سۈپىتىدە گەۋدىلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ ئىختىلاپنىڭ كېڭىيىشى ۋە جەمئىيەت خاراكتېرلىك كەسكىنلىشىپ كېتىش خەتىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىشقا تۆھپە قوشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە: «مەن تۈرك دۇنياسىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى غەززەدىكى ۋەھشىيلىككە قارشى ئاۋازىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، بۇ زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىرىمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر