زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدە غەلىبىلىك ئىلگىرىلەش داۋاملاشماقتا

تۈنۈگۈن ئافرىننىڭ غەربىدىكى 5 يېزا تېررورچىلاردىن تازىلاندى.

907565
زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدە غەلىبىلىك ئىلگىرىلەش داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىندا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك/ پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى يوقۇتۇش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن باشلىغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدە بۈگۈنگە قەدەر ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررروچىلارنىڭ سانى 1141 گە يەتتى.

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ھاۋا ئارمىيەمىز تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە 36 نىشاننى پاچاقلاپ تاشلىدى» دېيىلدى.

تۈنۈگۈن ئافرىننىڭ غەربىدىكى 5 يېزا تېررورچىلاردىن تازىلاندى.

ئافرىننىڭ جەنۇبىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت جەريانىدا 1 ئەسكەر شېھىت بولدى. 

ھاۋا ھەرىكىتى ۋە قۇرۇغلۇقتىن توپقا تۇتۇش ئارقىلىق تەڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەت پىلانلانغان شەكىلدە غەلىبىلىك داۋاملاشماقتا. 

ھاۋا ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئايروپىلانلار ساق – سالامەت بازىلىرىغا قايتىپ كەلدى.

بۇ ئارىلىقتا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى خۇلۇسى ئاقار ۋە ھەر قايسى قىسىم قوماندانلىرى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جايلاردا ئايروپىلان بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

ژاندارما باش ئىشتاب قوماندانى گېنېرال ئارىف چەتىنمۇ كىلىستە زەيتۇن شېخى ھەرىكىتىگە قاتناشقان قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر