يىلدىرىم شەھباز شەرىفنى قوبۇل قىلدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ۋاھدەتتىن سارىيىدا پاكىستان پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ باش مىنىستىرى شەھباز شەرىفنى قوبۇل قىلدى.

808442
يىلدىرىم شەھباز شەرىفنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ھەيئىتى مۇكەممەل ھالەتتە داۋاملىشىۋاتقان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن شەھباز شەرىفنىڭ ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە بىلەن پەنجاپ ئۆلكىسى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىندى.

بىنالى يىلدىرىم بىلەن شەھباز شەرىفنىڭ، تۈركىيە بىلەن پەنجاپ ئۆلكىسىدىكى ئارىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار بارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر