ئەردوغان ئۆزىگە ئاتاپ ھەيكەل تىكلىمەكچى بولغانلارنى تەنقىد قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىرىغا: «مېنىڭ ھەيكىلىمنى تىكىشنىڭ ئورنىغا خىزمەتلىرىڭلارنى ئاقساتماي تولۇق ئىجرا قىلىڭلار» دەپ ئالاھىدە چاقىرىقتا بولدى.

806442
ئەردوغان ئۆزىگە ئاتاپ ھەيكەل تىكلىمەكچى بولغانلارنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزىگە ئاتاپ بەزى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەيكەل تىكلىگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. 

ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «بەزى شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىرى مېنىڭ ھەيكىلىمنى تىكلەپتىمىش، مەن بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق ئازابلاندىم.  ھۆرمەتلىك دوستلار! بۇ بىزنىڭ مەنىۋى قىممەت قاراشلىرىمىزغا زىت بىر ئىش. مەن بۇت–ھەيكەللەرنىڭ تىكىلىشنى قەتئىي خالىمايمەن. ئاراڭلاردىن ھېچ بىرىڭلار بۇنداق خاتالىقنى ئۆتكۈزۈپ سالماڭلار» دېدى.

ئەردوغان ئاخىرىدا، شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىرىغا: «مېنىڭ ھەيكىلىمنى تىكلەشنىڭ ئورنىغا خىزمەتلىرىڭلارنى ئاقساتماي تولۇق ئىجرا قىلىڭلار» دەپ ئالاھىدە چاقىرىقتا بولدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر