ئەنگلىيە مىنىستىرى تۈركىيەنى مەدھىيەلىدى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى ئالان دۇنجان 15 – ئىيۇل ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ئەيبىلىدى.

790733
ئەنگلىيە مىنىستىرى تۈركىيەنى مەدھىيەلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى ئالان دۇنجان تۈركىيەنىڭ ئەنگلىيەگە نىسبەتەن ۋاز كېچىشكە قەتئىي بولمايدىغان شېرىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئۆتكەن يىلى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ دېموكارتىيەسىگە قورقۇنچلۇق بىر شەكىلدە ھاقارەت قىلىنغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلەيمەن. يېقىن دوست بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنگلىيە دېموكراتىيەنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىدا تۈركىيەنى قوللاشقا تەييار» دېدى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئالان دۇنجاننىڭ تۈنۈگۈن ئاخشام تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەنلىكى ۋە تۈركىيە زىيارىتىنىڭ 17–ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

باياناتتا، ئەنگلىيە مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى دائىرىسىدە، ئىلىم – پەن ۋە تېخنىكا ساھەسى قاتارلىق ئەنگلىيە–تۈركىيە ئوتتۇرىسدىكى ھەمكارلىق ساھەلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، «ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيەدىكى ئۆزئارا ئەڭ چوڭ ئىلىم – پەن ھەمكارلىق پىروگراممىسى ھېسابلىنىدىغان ۋە 4 مىليون قوندسىتېرلىڭ مەبلەغ سېلىنغان «Newton Fonu» نى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشتىن شەرەپ ھېس قىلىمىز» دېيىلدى.

ئالان دۇنجاننىڭ ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا ھەم ھۆكۈمەت، ھەم ئۆكتىچى پارتىيە مەسئۇللىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى ۋە ژۇرنالىستلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقى، تۈركىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا يەنە، سۈرىيەلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى مائارىپ خىزمەتلىرىگە ئېرىشەلىشىشى ئۈچۈن ئەنگلىيە مەبلەغ ئاجراتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىلىرى ئەزالىرى بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. 

مىنىستىر دۇجان مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە تۈركىيەدە 4 قېتىم رەسمىي زىيارەتتە بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر