قۇرتۇلمۇش: پارس قولتۇقى كىرىزىسى ئېغىرلىشىپ كەتسە، بەدىلىنى پۈتكۈل رايون تۆلەيدۇ

باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، قاتار كىرىزىسنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ پۈتكۈل رايون دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان بەدىلىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

751601
قۇرتۇلمۇش: پارس قولتۇقى كىرىزىسى ئېغىرلىشىپ كەتسە، بەدىلىنى پۈتكۈل رايون تۆلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى كابېنت يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن نۇمان قۇرتۇلمۇش، پارس قولتۇقى ئەللىرى بىلەن قاتار ئارىسىدىكى كىرىزىس توغرىسىدا توختىلىپ، «بۇ كىرىزىسنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ پۈتكۈل رايون دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان بەدىلىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كاھىن بولۇشقا كېرەك يوق» دېدى.

ئوتتۇرا شەرقتە مەزھەپ توقۇنۇشى پەيدا قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن قۇرتۇلمۇش، تۈركىيەنىڭ مەزھەپ مەسىلىسىنىڭ ئېھتىياتچان شۇنداقلا سەمىمىي ئۇسلۇب بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئۆزىگە تېگىشلىك كۈچنى سەرپ قىلغانلىقىنى، پۈتكۈل دۆلەتلەرگىمۇ ئوخشاش ھەرىكەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش قارارى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قويۇشنىڭ ئەسلىدىنلا چۇل – چۇل بولۇپ كەتكەن رايوندا قالايمىقانچىلىقلارنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشتىن، يەنى مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتىشتىن باشقا ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر