ئەردوغاننىڭ كەشمىر مەسلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىش تەكلىپى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئېلىندى

پاكىستان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ جاممۇ ۋە كەشمىر چۈشىنىشمەسلىكلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا دىيالوگ ئورنىتىلىشىغا ياردەم قىلىش تەكلىپىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

724455
ئەردوغاننىڭ كەشمىر مەسلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىش تەكلىپى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭ تۈركىيەنىڭ دوستى ئىكەنلىكى ۋە كەشمىر مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ باسقۇچىنى كۈچەيتىشكە ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى ئەسكەرتىلدى ۋە: «پاكىستان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ جاممۇ ۋە كەشمىر چۈشىنىشمەسلىكىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن،  پاكىستان–ھىندىستان ئوتتۇرىىسدىكى دىيالوگقا ياردەم قىلىش تەكلىپىنى مەمنۇنلۇق  بىلەن قارشى ئالدى» دېيىلدى.

باياناتتا، ئەردوغاننىڭ جاممۇ ۋە كەشمىر مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمىلىك بىر پوزىتسىيە تۇتۇلىشى كېرەكلىكى ۋە كەشمىردە قان تۆكۈلۈشىگە دەرھال خاتىمە بېرىلىشى لازىملىقى ھەققىدىكى چاقىرىقىدىنمۇ ئىنتايىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھىندىستان ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى جاممۇ ۋە كەشمىرنىڭ ئەھۋالىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى شۇنداقلا رايون خاراكتېرلىك ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك جەھەتتىن ھەل قىلىنمىغان چۈشنىشمەسلىك ئىكەنلىكى، شۇ ۋەجىدىن دۇنيادا زور ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكلاتى ۋە باشقا خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ شۇنداقلا  رايوننىڭ تىنچلىقىغا خەۋپ شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئويلاشقاندا، جاممۇ ۋە كەشمىر مەسلىسىنىڭ بالدۇرراق ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن چاقىرىقتا بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى. 

پاكىستاننىڭ جاممۇ ۋە كەشمىر چۈشىنىشمەسلىكىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان باياناتلار ھەمدە تىرىشچانلىقلارنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر