چاۋۇشئوغلۇ، ياۋرودا يۈز بەرگۈسى دىن ئۇرۇشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپادا يۈز بەرگۈسى بىر دىن ئۇرۇشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

692743
چاۋۇشئوغلۇ، ياۋرودا يۈز بەرگۈسى دىن ئۇرۇشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ نەتىجىسىگە باھا بېرىپ، «سوتسىيال دېموكراتلار بىلەن فاشىست ۋىلدېرس ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق، ھەممىسى ئوخشاش» دېدى.

ئانتاليادا زىيارەتتە بولغان مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، گوللاندىيە سايلاملىرىدا ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان ئىككى پارتىيەنىڭ سايلام نەتىجىلىرىنىڭ بىر – بىرىگە ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەرق يوقلۇقىنى قەيت قىلغان ھالدا، «سوتسىيال دېموكراتلار بىلەن فاشىست ۋىلدېرس ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق، ھەممىسى ئوخشاش. قەيەرگە بارىسىلەر، ياۋروپانى قەيەرگە كۆتۈرمەكچى سىلەر. ياۋروپانى ۋەيران قىلىشقا باشلىدىڭلار. ياۋروپانى ھاڭغا ئېلىپ كېتىۋاتىسىلەر. يېقىندا دىن ئۇرۇشلىرىمۇ باشلاپ قالىدۇ، باشلايدۇ. بۇ يۆنىلىش بىلەن مۇشۇنداق بولىدۇ. ياۋروپانىڭ تارىخىنى ئېچىپ  ئۇلارنىڭ ئالدىغا قوي. بىر گىرام نومۇس تۇيغۇسى بولسا، ياۋروپالىقلار بىر – بىرلىرىنىڭ يۈزلىرىگە قارىيالمايدۇ. پەرقلىق دىنلارغا مەنسۇپ بولغانلىقلىرى ئۈچۈن 100 يىل بويىچە بىر – بىرلىرىنى ئۆلتۈرۈشتى، بىراق، كېيىنچە بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىندى، ياۋروپا ئىتتىپاقى قۇرۇلدى، ياۋروپا كېڭىشى قۇرۇلدى. نۆۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقىتىلىشقا باشلىدى، ياۋروپا بۇرۇنقى كۈنلىرىگە قاراپ كېتىۋاتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر