سەھىيە مىنىستىرلىقى 30 مىڭ خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدۇ

سەھىيە مىنىستىرى رەجەپ ئاقداغ سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەخمىنەن 30 مىڭ خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

680013
سەھىيە مىنىستىرلىقى 30 مىڭ خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ ئاقداغ تۈركىيەدىكى 600 دىن ئارتۇق سۈرىيەلىك دوختۇرنىڭمۇ بىلىم ئاشۇرغاندىن كېيىن سۈرىيەلىك بىمارلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە يەنە بىر تەرەپتىن، يەرلىك دورا ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىمۇ كەڭ قانات يايدۇرماقتا.

ئاقداغ تۈركىيەنىڭ دورا ئىشلەپچىقىرىشتا تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسى يىللاردا 8 مىليارد لىرا قىممىتىدىكى دورا ئىمپورت قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر