ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئىستىخبارات ئورتاقلىشىشى كۈتۈلمەكتە

نۇمان قۇرتۇلمۇش دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ پەقەتلا دائېشقا قارشى ئەمەس، بەلكى شۇنىڭدەك  پ ك ك ۋە پ ي د ئۇنسۇرلىرىغا قارشىمۇ تۈركىيەنى قوللاپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى كۈتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

666485
ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئىستىخبارات ئورتاقلىشىشى كۈتۈلمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى كۈرەشتىمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلەشنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش مېنىستىرلار كابېنتى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش: «بىزنىڭ دوستلىرىمىزدىن ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن كۈتىدىغىنىمىز، پەقەتلا دائېشقا قارشى بىر تۈركۈم مەلۇمات، بايقاشلار ۋە ئىستىخباراتلارنىلا ئورتاقلىشىشى ئەمەس، بەلكى شۇنىڭدەك يەنە، پ ك ك ۋە پ ي د ئۇنسۇرلىرى ھەققىدىمۇ تۈركىيەنى قوللاپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ۋە تۈركىيەنى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشىدۇر. دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىق دەل بۇنى تەقەززا قىلىدۇ. يېقىنكى مەزگىللەردە مەلۇمات ۋە ئىستىخبارات ئورتاقلىشىشتا ئىلگىرىلەشلەر كۆرۈلدى. بىراق ھەممىنى ۋە پۈتۈن مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىستىخباراتلارنىمۇ ئورتاقلىشىشىنى كۈتتۈۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنى خالايمەن» دېدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر