باش ئەلچى كارلوۋ دېلوسى دائىرىسىدە نازارەتكە ئېلىنغان ساقچىلاردىن بىرى قولغا ئېلىندى

رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ قوراللىق ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەر داۋام قىلماقتا.

655496
باش ئەلچى كارلوۋ دېلوسى دائىرىسىدە نازارەتكە ئېلىنغان ساقچىلاردىن بىرى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ قوراللىق ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈش دائىرىسىدە سوراق قىلىنغان ساقچىلاردىن يەنە بىرى تۇتقۇن قىلىندى.

ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش ئەلچى كارلوۋنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلىرى دائىرىسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان 7 ساقچى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش شۆبىسى خادىملىرى تەرىپىدىن مەھكىمىگە ئېلىپ بېرىلدى. تەكشۈرۈشكە مەسئۇل تەپتىش خادىمى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان گۇماندارلاردىن سەفا ك، تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلدى، باشقا ساقچىلار نۆۋەتچى مەھكىمىگە يوللاندى.

جىنايىتى ئىشلار سوت مەھكىمىسى سوتچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان گۇماندارلاردىن كائان بۈلبۈل قولغا ئېلىنىپ سىنجان تۈرمىسىگە ئەۋەتىلدى. قالغان 5 ساقچى بولسا، ئەدلىيەنىڭ كونتروللۇقىدا ئاستىدا تۇرۇش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر