چاقماق خەۋەر: ئىستانبۇلدىكى كېچىلىك كۇلۇبقا ھۇجۇم قىلغان تېررورچى جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلدى

ئىستانبۇلدىكى كېچىلىك كۇلۇبقا ھۇجۇم قىلغان تېررورچى جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلدى.

653037
چاقماق خەۋەر: ئىستانبۇلدىكى كېچىلىك كۇلۇبقا ھۇجۇم قىلغان تېررورچى جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدىكى كېچىلىك كۇلۇبقا ھۇجۇم قىلغان تېررورچى جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلدى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم پارتىيەسىنىڭ ئىجرائىيە كېڭىشى يىغىنىدىن ئىلگىرى ئاخباراتچىلارغا بەرگەن باياناتىدا، تېررورچىنى سوراق قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە نۇرغۇنلىغان تەپسىلاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئېيتتى.

ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىنمۇ ساقچى ئىدارىسى باشلىقى مۇستافا چالىشكان بىلەن بىرلىكتە چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تېررورچى ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋنىڭ جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، تەكشۈرۈشلەردە بارماق ئىزىنىڭ ئوخشاش چىققانلىقىنى ئېيتتى.

ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن ساقچىلارنىڭ ئىنتايىن جىددىي خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئىپلاس ھۇجۇمنىڭ جىنايەتچىسىنى ئەسەنيۇرتتا قولغا ئالغانلىقىنى، قاتىلنىڭ 1983–يىلى ئۆزبېكىستاندا تۇغۇلغانلىقى، ئافغانىستاندا تەربىيەلەنگەنلىكى ۋە 4 تىل بىلىدىغان، يېتىشكەن بىر تېررورچى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر