باش ئىشتاب باشلىقى ئاقار ئەرمەن ۋەكىلنىڭ دەۋالىرىغا قاتتىق رەددىيە قايتۇردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار، پۈتكۈل دۇنيا تەتۇرىنى دېگەن تەقدىردىمۇ ئەرمەن قىرغىنچىلىقىنىڭ بولمىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

614839
باش ئىشتاب باشلىقى ئاقار ئەرمەن ۋەكىلنىڭ دەۋالىرىغا قاتتىق رەددىيە قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار، ئىستانبۇلدا داۋاملىشىۋاتقان ناتو پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلىنىڭ 62 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك كومىتېتى يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئارقىدىن سۆز قىلغان ئەرمەن پارلامېنت ئەزاسى كوريۇن ناخاپېتياننىڭ ئاتالمىش ئەرمەن قىرغىنچىلىقىنى 26 دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ھەر قانداق بىر تەكشۈرۈشكە ئورۇن يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە جاۋاب بەرگەن خۇلۇسى ئاقار، «16 – ئەسىردە گالىلې <دۇنيا ئايلىنىدۇ> دېگەندە، پۈتكۈل دۇنيا <ئايلانمايدۇ> دېگەنىدى. بۇ ھېچقاچان دۇنيانىڭ ئايلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئۆزگەرتمىدى. شۇڭا، پۈتكۈل دۆلەتلەر <قىرغىنچىلىق بار> دېسىمۇ، قىرغىنچىلىقنىڭ يوقلۇقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ» دېدى.

ئاقارنىڭ، ئەرمەن پارلامېنت ئەزاسىنىڭ تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى مەۋجۇتلۇقىغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىگە بەرگەن قاتتىق جاۋابىمۇ زالدىكىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقار، ئەرمەن ھەيئەتنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەلەبكە مۇداخىلە قىلغانلىقى ھەققىدىكى دەۋالىرىغا جاۋاب بېرىپ، «تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەلەب بىلەن قىلچىلىكمۇ مۇناسىۋىتى يوق. بىر دانە ئوق ئاتقانلىقىنى دەيدىغان بىرى بولسا، مەن ئىستېپا بېرىمەن. بۇ ئەدەبسىزلىكتۇر، بۇ يالغاندۇر» دېدى.

ئاقار يەنە، تېررورىزمنىڭ خەلقئارا مۇقىملىقنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسۇق ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭمۇ ئۇزۇندىن بۇيان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، دائېش، PKK، پ ي د ۋە ي پ گ گە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ تۈركىيە، ناتو ۋە دۇنيا ئۈچۈن خەۋپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تاشلانغان مۇھىم قەدەملەر ۋە سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىۋېتىپ، «ئىشىنىڭلاركى، سىلەرنىڭ خامچوتىڭلاردىن بىزگە بېرىلگەن پۇلنىڭ بىر دوللىرىنى، بىر سىنىتىنى زايا قىلمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئۆزلىرىنى زىيارەت قىلغان، تېلېفوندا كۆرۈشكەن ۋە قوللىغانلارغا رەھمەت ئېيتتى.

ناتونىڭ تۈركىيەگە بىلدۈرىدىغان پوزىتسىيەسىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئاقار، تۈركىيەنىڭ ناتو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر