تېرورچىلار ماردىن ھاكىملىق بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى

PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورچىلىرى، ماردىننىڭ دەرىك ناھىيەسىدىكى ھاكىملىق بىناسىغا ھۇجۇم قىلىپ ھاكىمنى ئۆز ئىچىگە بەزى كىشىلەرنى يارىلاندۇردى.

608017
تېرورچىلار ماردىن ھاكىملىق بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورچىلىرى، ماردىننىڭ دەرىك ناھىيەسىدىكى ھاكىملىق بىناسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ھاكىم مۇھەممەت فاتىھ سافىتۈركنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 كىشىنى يارىلاندۇردى.

PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى، قەلئە مەھەللىسىدىكى دەرىك ھاكىملىق بىناسىغا راكېتامىيوت ئاتتى. ھۇجۇم يۈز بەرگەندە بىنادا تۇرۇۋاتقان ھاكىم سافىتۈرك بىلەن باشقا ئىككى كىشى يارىلاندى. يارىلانغانلار 112 جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى تەرىپىدىن قىزىلتەپە دۆلەت دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىندى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، تېررورچىلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر