چاۋۇشئوغلۇ بان كىمۇن بىلەن يېقىنقى ۋەقەلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن ناھايىتى قۇيۇق تېلېفون دىپلوماتىيەسى ئېلىپ بارماقتا.

538987
چاۋۇشئوغلۇ بان كىمۇن بىلەن يېقىنقى ۋەقەلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھازىرغىچە 50 كە يېقىن دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەن چاۋۇشئوغلۇ، بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)  باش كاتىپى بان كىمۇن بىلەن كۆرۈشتى؛ تېلېفون سۆھبىتىدە ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى جەريان مۇھاكىمە قىلىندى.

بان كىمۇن، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

چاۋۇشئوغلۇ،، ب د ت باش كاتىپىغا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى قانۇنىي جەريان ھەققىدە مەلۇمات بەردى؛ ئۇ، جاۋابكارلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇ جەھەتتە ياۋروپا كېڭىشىگە ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بان كىمۇنغا تۈركىيەدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىددىي ھالەت توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن چاۋۇشئوغلۇ، بۇ سىياسەتنىڭ خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ئالىي ۋەكىلى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فېدېرىكا موگېرىنى بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشتى. مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ موگېرىنىغا داۋاملىشىۋاتقان قانۇنىي جەريان ھەققىدە مەلۇمات بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر