«تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئاداققىچە داۋاملىشىدۇ»

باش مىنىستىر يىلدىرىم تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئاداققىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

508875
«تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئاداققىچە داۋاملىشىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر يىلدىرىم تۈنۈگۈن ۋاندا ئاممىۋى مۇئەسسەسەلەرنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى، كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى.

يىلدىرىم ۋان زىيارىتى جەريانىدا بەرگەن بايانالىرىدا، ئانادولۇنىڭ شەرقىي رايونلىرىدىكى خەلقنىڭمۇ، ھۈنەرۋەرن - كاسىپلارنىڭمۇ تېررورنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقىمىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىشى كېرەككى، تېررورىزمنى چوقۇم تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلايمىز. كورد قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلارغا شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى، سىلەر كورد خەلقىگە بېسىم بىلەن، ھۈنەرۋەن – كاسىپلارنى جېنىغا جاق تويغۇزۇش بىلەن خىزمەت قىلامسىلەر؟ كورد خەلقىنى سۆيۈش، خىزمەت قىلىش مەھەللىلەردە، كوچىلاردا خەندەك قېزىش، بېسىۋالغان رايونلار ۋە كوچىلاردا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىشمۇ؟ ئەمەلىيەتتە كورد خەلقىگە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىش ئورۇنلىرىغا ئوت قويۇپ بېرىش، كېرەك-ياراغلىرىغا ئوت قويۇۋېتىشمۇ؟»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر