«ئەنقەرە تۈركىيەگە قارشى يالغان – ياۋىداقلار ۋە تەتۈر تەشۋىقاتلارغا قاراپ تۇرالمايدۇ»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئەنقەرە نىڭ تۈركىيەگە قارشى يالغان – ياۋىداقلار ۋە تەتۈر تەشۋىقاتلارغا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

503077
«ئەنقەرە تۈركىيەگە قارشى يالغان – ياۋىداقلار ۋە تەتۈر تەشۋىقاتلارغا قاراپ تۇرالمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن گېرمانىيەنىڭ 1915 – يىلقى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك قارارى ھەققىدە توختالغاندا،  تۈركىيەنىڭ تارىخى بىلەن يۈزلىشىشتىن ھېچقاچان قاچمىغانلىقىنى، بىراق تۈركىيەگە قارشى يالغان – ياۋىداقلار ۋە تەتۈر تەشۋىقاتلارغا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قالىن گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ 1915 – يىلقى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەرمەنى دەۋالىرى توغرۇلۇق ئالغان قارارىنى سىياسىي مەسئۇلىيەتسىزلىك دەپ ئاتاپ مۇنداق دېدى: «بۇ ۋەقەلەرنى باھانە قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە خەلقىگە بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇش بىھەدە ئاۋارىچىلىقتۇر. تۈركىيە دۆلىتى ۋە خەلقىنى ھېچ تونىماسلىقتۇر. تارىخىدا چوڭ قىرغىنچىلىقنى يۈرگۈزگەن گېرمانىيە ۋىجدان ئازابى تارتىپ، بەلكى ئاقلىنىش مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ قارارىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر. بۇ قارارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2015 – يىلى 1915 – يىلقى ۋەقەلەرنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تارىخ كومىتېتى قۇرۇش تەكلىپىنى سۇنغانىدى. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئەرمېنىيە ۋە ئەرمېنىيەنىڭ دەۋالىرىنى قوللاۋاتقانلار ھازىرغىچە بۇ تەكلىپكە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىدى. گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ قارارى تۈركىيە – گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىگە سىياسىي ھەم ئىجتىمائىي جەھەتتىن ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۈملىدىن گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان 3 مىليون تۈركنىڭ بۇ قارارغا سۈكۈت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر