داۋۇتئوغلۇ: سۈرىيەدە تۈركىيەنىڭ ھېچقانداق خەۋپسىزلىق كۈچۈ يوق

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ سۈرىيەدە تۈركىيە خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا تەۋە ھېچقانداق كۈچنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

433837
داۋۇتئوغلۇ: سۈرىيەدە تۈركىيەنىڭ ھېچقانداق خەۋپسىزلىق كۈچۈ يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ كىيېۋدە ئارسېنى ياتسېنيۇك بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئارقىدىن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيە ئازىز ناھىيەسىدە مەكتەپ بىلەن دوختۇرخانىلارنى بومباردىمان قىلىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى، رۇسىيە، بەزى دۆلەتلەر ۋە ي پ گ نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سۈرىيەدە نۇرغۇنلىغان ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، گىرۇزىيە، ئۇكرائىنا، سۈرىيە ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ ئېغىر تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن مۇھىم پىرىنسىپلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «قىرىمنى ئۇكرائىنانىڭ بىر پارچىسى، دەپ قوبۇل قىلىمىز. بولۇپمۇ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە دەرت – ئەلەمگە مۇپتىلا بولغان قىرىم توغرىسىدا ئۇكرائىنانىڭ يېنىدا بولىمىز» دېدى.

باش مىنىستىر ياتسېنيۇك تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوللىغانلىقى، رۇسىيەنىڭ زومىگەرلىكىگە قارشى داۋاملاشقان كۈرەشتە، دونېتسىك بىلەن لۇگانسىكنى ئۇكرائىنا زېمىنى دەپ قوبۇل قىلغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنىكىنى، ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ كۈنتەرتىپتىكى ئىنتايىن مۇھىم ماددىلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيە – ئۇكرائىنا ئارىسىدا، سەھىيە ساھەسىدە ئۇكرائىناغا ئىئانە بېرىش ۋە قەرز بېرىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى.

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پوروشېنكو ۋە پارلامېنت باشلىقى ۋولودېمىر گرويسمان بىلەنمۇ كۆرۈشتى. ئۇ زىيارىتى داۋامىدا يەنە، قىرىم تاتارلىرىنىڭ رەھبىرى مۇستاپا قىرىمئوغلۇ، ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئۇكرائىنادىكى تۈرك كارخانىچىلار بىلەن كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر