قاتار ئەمىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئەلسانى تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

431976
قاتار ئەمىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلسانى ئىستانبۇلدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى. ئەلسانى ئالدى بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن خىزمەت زىياپىتىدە بىر يەرگە جەم بولدى. ئۇچرىشىشقا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئورگىنىنىڭ باشلىقى ھاقان فىدان قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى. يىلدىز سارىيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىش 3 سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى.

ئەلسانىنىڭ كېيىنكى بېكىتى دولماباھچە سارىيىدىكى باش مىنىستىرلىك ئىشخانىسى ئىدى، ئەلسانى بۇ يەردە داۋۇتئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى، ئاخبارات ۋاستىلىرىغا يېپىق ھالتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىش 1 يېرىم سائەت داۋاملاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر