جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۇنجى چەتئەل زىيارىتىنى باشلاش ئالدىدا

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۇنجى چەتئەل زىيارىتىنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىن باشلايدۇ.

109229
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۇنجى چەتئەل زىيارىتىنى باشلاش ئالدىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ 12-نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۇنجى چەتئەل زىيارىتىنى باشلاش ئالدىدا تۇرماقتا.
ئەتە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە زىيارەتتە بولىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىككىنچى زىيارەت بېكىتى ئەزەربەيجان بولىدۇ. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش مىنىستىر ۋاقتىدا نەچچە قېتىم بارغان بۇ دۆلەتلەردە تۇنجى قېتىم جۇمھۇر رەئىسلىك سالاھىيىتىدە زىيارەتتە بولىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قىبرىسلىق تۈرك سىياسەتچى دوكتور فازىل كۈچۈك بىلەن قۇرغۇچى جۇمھۇر رەئىس رائوف دەڭكتاشنىڭ قەبرىلىرىنى يوقلايدۇ. 12-جۇمھۇر رەئىسنىڭ ئىككىنچى بېكىتى بولسا دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاندۇر. 3-سېنتەبىردە پايتەخت باكۇغا بارىدىغان ئەردوغان، مەنسەبدېشى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئېنېرگىيە ۋە قاتناش لايىھەلىرى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجاندا تۈركىيە ۋە ياۋروپاغا تەبىئىي گاز يۆتكەش مەقسەت قىلىنغان شاددېڭىز لايىھەسىنىڭ ئۇل قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر