ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
2138115
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتناشقان ھەيئەتلەرگە ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزويان رىياسەتچىلىك قىلماقتا.
تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى بولۇشى كۈتۈلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى 4 يېزا – كەنت ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىلدى
ئەرمېنىيەنىڭ گازاھ شەھىرىدە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى 4 يېزا – كەنت ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىلدى.