تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2141491
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، قىرىم تاتار سۈرگۈنىنىڭ 80 - يىللىقىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنىڭ 160 - يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
باياناتتا، قىرىم تاتار تۈرك خەلقىنىڭ سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلىقىغا 80 يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تارتىۋېلىنغان ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تېخىچە قايتۇرۇلمىغانلىقى تەكىتلەندى.
باياناتتا: «چەركەز سۈرگۈنىمۇ تۈركىيە قايغۇ-ھەسرەت بىلەن خاتىرىلەۋاتقان يەنە بىر پاجىئە ھېسابلىنىدۇ. قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىمىز ۋە ئۇلارنى خاتىرىلەيمىز» دېيىلدى.