نۇمان قۇرتۇلمۇش تاشكەنتتە رەسمىي زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

2142603
نۇمان قۇرتۇلمۇش تاشكەنتتە رەسمىي زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇمان قۇرتۇلمۇش تاشكەنت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئۆزبېكىستان ئالىي كېڭىشى قانۇن چىقىرىش مەجلىسىنىڭ رەئىسى نۇردىنجان ئىسمايىلوۋ ۋە تۈركىيەنىڭ تاشكەنتتىكى باش ئەلچىسى ئولگان بەكار قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇللار تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.

قۇرتۇلمۇش زىيارەت دائىرىسىدە، ئۆزبېكىستان ئالىي كېڭىشى قانۇن چىقىرىش مەجلىسىنىڭ رەئىسى نۇردىنجان ئىسمايىلوۋ ۋە ئۆزبېكىستان ئالىي كېڭەش پالاتاسى رەئىسى تانزىلا ناربايېۋا بىلەن كۆرۈشىدۇ.

قۇرتۇلمۇش ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر