قازاقىستاندىكى <ئاستانا مۇزاكىرىلىرى> نىڭ خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى
تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ئاستانا يىغىنىدا، سۈرىيەگە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان بۆلگۈنچىلىكلەرگە قارشى كۈرەشتىكى قەتئىي ئىرادىلىرىنى قايتا تەكىتلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ پايتەختىدە بۇ قېتىم 20- نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن سۈرىيە تېمىلىق «ئاستانە مۇزاكىرىلىرى» نىڭ ئورتاق خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى.
تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قانۇنسىز ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەتكلىرىنى ئەيىبلىدى.
ئاستانا يىغىنىدا، تۈركىيە-سۈرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرەلەردە، پىلان-لايىھەلەرنىڭ تەييارلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرىلەشلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىندى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «ئاستانادا تەرەپلەر سۈرىيە خەلقىنىڭ بىخەتەر، ئىختىيارىي ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سۈرىيە ئىچىدە زۆرۈر بولغان شارائىتلارنىڭ يارىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېيىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى 4 يېزا – كەنت ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىلدى
ئەرمېنىيەنىڭ گازاھ شەھىرىدە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى 4 يېزا – كەنت ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىلدى.