ئەزەربەيجان ئىراننىڭ جاسۇسلۇق تورىغا ئەجەللىك زەربە بەردى

ئەزەربەيجاندا ئىراننىڭ جاسۇسلۇق تورىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 39 كىشى قولغا ئېلىندى.

1940590
ئەزەربەيجان ئىراننىڭ جاسۇسلۇق تورىغا ئەجەللىك زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن پايتەخت باكۇ ۋە باشقا بىر قىسىم رايونلاردىكى بەزى ئورگان ۋە شىركەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، «دىن تونىغا يوشۇرۇنۇپ بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان» 39 كىشى قولغا ئېلىنغان.

بۇ كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئىرانغا پايدىلىق تەشۋىقاتلارنى قىلغانلىقى، ئەزەربەيجاندا مەزھەپ توقۇنۇشى چىقارماقچى بولغانلىقى ۋە ئىران ئىستىخباراتى تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاپ، ئۇچۇر يەتكۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئەزەربەيجان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان ئورگانلار ئارىسىدا، ئىراننى قوللاپ پىروگرامما تارقىتىش بىلەن تونۇلغان «SalamNews» خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە «İnteraz» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر