تاتار ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدۇ

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار 26 – ئاپرېل كۈنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەنقەرەدە بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

1626073
تاتار ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاتار، ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم رىياسەتچىلىك قىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، 27 – 29 – ئاپرېل كۈنلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدە ۋە كاپالەتچى دۆلەتلەر تۈركىيە، گىرېتسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشىدا چاقىرىلىدىغان 5 + بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى فورماتسىيەسىدىكى غەيرىي رەسمىي «قىبرىس مەسىلىسى يىغىنى» ھارپىسىدا، 26 – ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە قىبرىس تۈرك تەرىپىنىڭ شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئوتتۇرىغا قويىدىغان يېڭى سىياسىتى، يەنى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق باراۋەرلىككە ئاساسلىنىدىغان ھەم يانمۇيان بىرگە ياشايدىغان ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم،  مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان ھەر ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن بىردىنبىر يولدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر