قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىسى ئېلان قىلىندى
قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %79.18 گە ئېرىشكەن سابىق باش مىنىستىر سادىر جاپاروۋنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1560998
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان مەركىزىى سايلام ۋە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى كومىتېتى رەئىسى نۇرجان شائىلدابېكوۋا، ئىككى مىڭ 474 بېلەت تاشلاش ساندۇقىغا بېلەت تاشلاشنىڭ تاماملانغانلىقىنى ۋە بېلەتلەرنىڭ %96.44 نىڭ سانىلىپ بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تىزىمغا ئالدۇرغان سايلىغۇچىلار سانىنىڭ 3 مىليون 563 مىڭ 574 ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن شائىلدابېكوۋا، پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ۋە ئومۇمىى خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە بىر مىليون 339 مىڭ 638 سايلىغۇچىنىڭ بېلەت تاشلىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئومۇمىي بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ %37.59 كە توغرا كېلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ سايلامنىڭ جەزملەشمىگەن نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %79.18 گە ئېرىشكەن سادىر جاپاروۋنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.
شائىلدابېكوۋا دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بېكىتىشكە قارار قىلىش مەقسىتىدە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگىمۇ سايلىغۇچىلارنىڭ %34.29 ىنىڭ بېلەت تاشلىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ %81.2 نىڭ «پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى»نى قوللاپ بېلەت تاشلىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى 4 يېزا – كەنت ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىلدى
ئەرمېنىيەنىڭ گازاھ شەھىرىدە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى 4 يېزا – كەنت ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىلدى.