ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، تۈركىيە - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دائىر خۇسۇسلار ۋە رايون ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى.

1555478
ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى ئېلان قىلغان باياناتتا، ئەردوغان بىلەن  مىرزىيويېۋنىڭ تۈركىيە - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلايدىغان خۇسۇسلاردىن باشقا يەنە، رايوننىڭ ۋەزىيىتىنىمۇ مۇزاكىرىلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيويېۋ ئۆزئارا يېڭى يىلنى تەبرىكلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر