: قىرغىزىستان رەھبىرى: دىيالوگ ئورنىتىشقا تەييارمەن

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سوئورونباي جېنبېكوۋ دۆلەت بىنالىرىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى ۋە پارلامېنت سايلاملىرىنىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى «سىياسىي كۈچلەر بىلەن دىيالوگ ئورنىتىشقا تەييار» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1505096
: قىرغىزىستان رەھبىرى: دىيالوگ ئورنىتىشقا تەييارمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستاندىكى دۆلەت بىنالىرىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى بىلەن باشلانغان ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن جېنبېكوۋ ، تۈنۈگۈن ئىككىنچى قېتىم بايانات ئېلان قىلدى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جېنبېكوۋ  بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھازىرغىچە تەرەپلەردىن ھېچبىرىنىڭ كىرىزىسىنى ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن ھېچقانداق مۇزاكىرە مىخانىزىمى ئورنىتىش تەكلىپى سۇنمىغانلىقىنى تەكىتلەپ   مۇنداق دېگەن: «ھۆرمەتلىك سىياسىي كۈچلەرنىڭ رەھبەرلىرى! پىرېزىدېنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەۋجۇت سىياسىي كىرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ھەم دىيالوگ ئورنىتىشقا تەييارمەن. مەن خەلقنىڭ تەلەپلىرىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىمەن. ئوتتۇرىغا چىققان كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمەن.»

قىرغىزىستاندا 4 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملارنىڭ نەتىجىلىرىنى ئېتىراپ قىلمىغان 12 سىياسىي پارتىيەنىڭ تەرەپدارلىرى، نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، پىرېزىدېنت مەھكىمىسى بىناسى بىلەن پارلامېنتنى ئىشغال قىلغانىدى.

پىرېزىدېنت مەھكىمىسى بىناسىنى كونترول ئاستىغا ئالغان ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ۋەكىللىرى، پارلامېنت باشلىقى ۋە باش مىنىستىرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىدىن كېيىن، ھاكىمىيەت تالىشىپ ئۆزئارا جېدەل قىلىشقا باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر