ئالمازبېك ئاتامبايېۋ 11 يىل 2 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

قىرغىزىستاندا جىنايەت تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئەزىز باتۇكايېۋنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە جاۋابكارلىقى بولغان سابىق پىرېزىدېنت ئالمازبېك ئاتامبايېۋ 11 يىل 2 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1441621
ئالمازبېك ئاتامبايېۋ 11 يىل 2 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېرۋوماي رايونلۇق سوتنىڭ سودىيەسى ئەمىلبېك كايپوۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان سوتقا تۈرمىدىكى ئاتامبايېۋ ئېلىپ كېلىنمىدى، باشقا گۇماندارلار سوتقا چىقىرىلدى.

«چىرىكلىك تورى قۇرغانلىقى» ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ئاتامبايېۋ 11 يىل 2 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئاتامبايېۋنىڭ مال - مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنىشى ۋە بارلىق دۆلەت مۇكاپاتلىرىنىڭمۇ قايتۇرۇپ ئېلىنىشى ھۆكۈم قىلىندى.

قىرغىزىستاندىكى تۈرمىلەردە كۈچلۈك تەسىرى بىلەن تونۇلغان ۋە 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 8 يىلىنى تۈرمىدە تولدۇرۇپ بولغان ئەسلى چېچىنىيەلىك باتۇكايىۋنىڭ 2013 - يىلى ئاپرېلدا قويۇپ بېرىلىشى ھەمدە چېچىنىيەگە مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن يولغا سېلىنىشى، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.  

2011 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى بولغان ئاتامبايېۋ 2019 - يىلى 8 - ئاۋغۇستتا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر