ئىلھام ئەلىيېۋ ئىسلام دۇنياسىنى بىرلىشىشكە چاقىردى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئىسلام دۇنياسىنى بىرلىشىشكە ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

726591
ئىلھام ئەلىيېۋ ئىسلام دۇنياسىنى بىرلىشىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلىيېۋ ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا چاقىرىلغان 4 – نۆۋەتلىك دۇنيا مەدەنىيەتلەر ئارا دىيالوگ مۇنبىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، مەدەنىيەتلەر ئارا دىيالوگنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر كۆپ مەدەنىيەتلىك بىر گەۋدىلىك بولمىسا، دۇنيا تېخىمۇ كۆپ خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. دەرۋەقە، نۆۋەتتە دۇنيادا بىر قىسىم ئادەمنى خەۋپسىرىتىدىغان ئېقىملار بار، كۆپلىگەن جايلاردا توقۇنۇشلار، ئىچكى ئۇرۇشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئارا بىردەكلىكنىڭ بولماسلىقى.»

ئىسلام دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار توغرىلىقمۇ توختالغان ئەلىيېۋ، «ئىسلام دۇنياسى بىرلىشىشكە مۇھتاج، تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئىسلام ئەللىرى تېررورىزمنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا، ئىسلامنىڭ تېررور بىلەن بىر تۇتۇلۇشىغا قەتئىي قارشىمىز» دېدى.

ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە تاغلىق قاراباغ مەسىلىسى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەلىيېۋ، ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتى نەتىجىسىدە 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىش توغرۇلۇق ئۇدا 4 قېتىم قارار ماقۇللىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئەلىيېۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئەرمېنىيە بۇ قارارلارنى دەپسەندە قىلماقتا، بەزىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى ئۇدا بىرقانچە كۈن، ياكى بىرقانچە سائەت ئىچىدە ئىجرا قىلىنىدۇ، ئەمما بىزگە كەلگەندە بولسا 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىجرا قىلىنماقيۋاتىدۇ، بۇ يەردە قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيە تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى باراۋەرلىك ئاساسىدا ئىجرا قىلىنىشى لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر