قازاقىستان پارلامېنتى نەزەربايېۋنىڭ سالاھىيەتلىرىنى قىسقارتىشنى مەزمۇن قىلغان لايىھەنى ماقۇللىدى

قازاقىستان پارلامېنتى، پىرېزىدېنتنىڭ بەزى سالاھىيەتلىرىنىڭ پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.

685486
قازاقىستان پارلامېنتى نەزەربايېۋنىڭ سالاھىيەتلىرىنى قىسقارتىشنى مەزمۇن قىلغان لايىھەنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان 105 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ 104 نىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن مەزكۇر قانۇن لايىھەسى، پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ تەستىقىدىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدۇ.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى، پىرېزىدېنتنىڭ مالىيە، ئىقتىساد، دۆلەت مۈلكى ۋە باشقۇرۇش ساھەلىرىدە 23، باشقا قانۇنلار دائىرىسىدە 35 سالاھىيىتىنىڭ پارلامېنتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

ئاساسىي قانۇننىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى، مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك، ئىچكى – تاشقى سىياسەت دېگەندەك مەسىلىلەر پىرېزىدېنتنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولىدۇ.

پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرىدا خەلققە خىتاب قىلىپ، باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، پىرېزىدېنتنىڭ بەزى سالاھىيەتلىرىنىڭ پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى مەزمۇن قىلغان ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى بەس – مۇنازىرىگە قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن، جۈمە كۈنى مەزكۇر لايىھەنى پارلامېنتقا سۇنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر