«جەنۋە باسقۇچى داۋاملىشىۋاتىدۇ»
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاقىنجى جەنۋە باسقۇچىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
651347
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقىنجى قىبرىس ئارىلىغا قايتىش ھاپىرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، جەنۋە باسقۇچىنىڭ كوزېرغا ئايلاندۇرۇۋېلىنماسلىقى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى مۇشۇ يەرگىچە ئېلىپ كېلىنگەن باسقۇچنى مەغلۇبىيەت بىلەن تاماملاش ناھايتى چوڭ خاتالىق بولىدۇ. مەن ھەرگىزمۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىنى نىشان قىلمايدىغان كېلىشىم لايىھەسىنى ئىمزالىمايمەن ۋە خەلقىمنىڭ دىققىتىگىمۇ سۇنمايمەن.» بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇزاكىرىلەردە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى دەسلەپكى بەش تېمىدا كېلىشەلمىگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى 4 يېزا – كەنت ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىلدى
ئەرمېنىيەنىڭ گازاھ شەھىرىدە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى 4 يېزا – كەنت ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىلدى.