شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدا يېڭى يىل كېچىسى يۈز بەرگەن خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىغا گۈلچەمبىرەك قويدى.

643236
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن خەلق ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇقتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيە ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلدى.

شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار ئىستانبۇل ئورتا كۆيدە بىر كېچىلىك كۇلۇبتا يۈز بەرگەن خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان قۇربانلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى تۈركىيەنىڭ سىتوكھولىمدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا گۈلچەمبىرەك قويدى. ئاندىن تۈركىيە باش ئەلچىسى كايا تۈركمەننى زىيارەت قىلىپ، تەزىيە تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەسئۇللىرى بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىستانبۇلدىكى پەسكەشلەرچە تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈرىكىمىزنى زىدە قىلدى. تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان، بىرلىكىمىز ۋە خاتىرجەملىكىمىزنى بۇزماقچى بولغان خائىن پەسكەشلەرنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يېقىن – يورۇقلىرىغا سەۋر–تاقەت ۋە يارىدار بولغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تىلەيمىز. بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ھېچ نەرسە بىلەن ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ، ھېچقانداق يوللۇق سەۋەبىمۇ بولمايدۇ. ئىنسانلارنى قورقۇتۇش ۋە ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ» دېدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر