يالچىن توپچۇغا «تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن خىزمەت» مۇكاپاتى بېرىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچۇ ئەزەربەيجاندا «تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن خىزمەت» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

637779
يالچىن توپچۇغا «تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن خىزمەت» مۇكاپاتى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرۇزىيە تۈركلىرى قۇرغان بورچالى جەمئىيىتى يالچىن توپچۇغا قىلغان خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن «تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن خىزمەت» مۇكاپاتى بەردى. ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن شۇنداقلا گىرۇزىيەدىن كەلگەن بىلىم، ئەدەبىيات-سەنئەت، سىياسەت ساھەسىدە ئالاھىدە تۆھپىسى بار كىشىلەرگە، مۇراسىم بىلەن مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى.

يالچىن توپچۇ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا تېررورىزم ھەققىدە توختىلىپ، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى تەكىتلىدى. ئۇ: «تېررورىزم يەر شارىلىشىۋاتىدۇ، دۇنيانى باشقۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بېشىدىكىلەرگە شۇنى خىتاب قىلماقچىمەن: قولۇڭلار بىلەن تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئويۇنچۇقلار نۆۋىتى كەلگەندە سىلەرگىمۇ زىيان بېرىدۇ. ئۇلارنى ئىتتىپاقلىشىپ يوق قىلىشىمىز لازىم. دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن بىر بولۇپ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىنسانىيەتكە ئادالەتنى ۋە بىخەتەرلىكنى ئېلىپ كېلىشىمىز لازىم» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر