ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان نازارەتكە ئېلىندى

يېڭى شەپەق گېزىتى، ئىستانبۇلدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ 40 كۈنلۈك نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

581183
ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە چىقىدىغان «يېڭى شەپەق» گېزىتى،  15 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ باكىركۆي سۇلھى جازا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 40 كۈنلۈك نازارەتكە تاشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتاينى پارچىلاشقا ئورۇنۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان تونۇلغان جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان (58 ياش)، 1 – سېنتەبىردە ئىستانبۇل سەفاكۆيدىكى ئۆيىدە ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنىپ، 29 – سېنتەبىرگىچە باكىركۆيدىكى ئوخشاش بولمىغان ساقچى مەركەزلىرىدە نەزەربەنت ئاستىدا تۇتۇلغان.  ئارقىدىن باكىركۆي ئەدلىيە مەھكىمىسىگە يوللانغان ۋە باكىركۆي 5- سۇلھى جازا مەھكىمىسى ئۇنى قويۇپ بەرگەن. ئەمما، تەپتىش خادىمىنىڭ ئېتىرازىغا ئاساسەن ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ياپچان قايتىدىن نازارەتكە ئېلىنىپ سوتلانغاندىن كېيىن، ئۈستىدىن 40 كۈنلۈك ھۆكۈمنامە ئېلان قىلىنىپ، مالتەپە تۈرمىسىگە يوللانغان. خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇ جەرياندا تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەدلىيە تارماقلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياپچانغا ئالاقىدار «پاكىت» ۋە «ھۆججەت» لەرنى تۈركىيە تەرەپكە سۇنۇشىنى كۈتىدىكەن.

خەۋەردە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ 2002 – يىلى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ئۈستىدىن چىقارغان قىزىل باشلىق ھۆججىتىگە ئارىدىن 14 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكى، يېڭى ھۆججەتتە خىتاينىڭ ئۇنى دۆلەتنى پارچىلاش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى قەيت قىلىندى. 2001 – يىلى تۈركىيەگە ئاياغ باسقان ياپچاننىڭ 15 يىلدىن بۇيان ئىستانبۇلدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقانلىقى،  84 ياشلىق ئانىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قاماققا ئېلىنغانلىقى، ئۇنىڭ خۇسۇسەن ياشلارنى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىدىن يىراق تۇتۇش بىلەن تونۇلغان كىشى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى كەڭ ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر