خوتەندىكى زەربە بېرىشتە ‹خىزمەت كۆرسەتكۈچىلەر› تارتۇقلاندى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان بېسىملىرى كۈچەيمەكتە...

134234
خوتەندىكى زەربە بېرىشتە ‹خىزمەت كۆرسەتكۈچىلەر› تارتۇقلاندى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان بېسىملىرى كۈچەيمەكتە؛ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە ساقچى ۋە ئارمىيەنىڭ يېتەرسىز قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ رايوندا ئۆز تەبىرى بويىچە «تېررورلۇق پائالىيەتلىرى» گە قاتناشقۇچىلارنى مەلۇم قىلغۇچىلارغا مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن شەھىرىدە ساقچىلارنىڭ ‹تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى› نى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلەر مەھەللىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى. مەزكۇر ھەرىكەتتە تۆھپە ياراتقان 6 خىتايغا 15 مىڭ دوللاردىن، باشقا 47 كىشىگە 1500 دوللاردىن مۇكاپات بېرىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ساقچىلار، مەمۇرلار ۋە ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ بار.
خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ خىل مۇكاپاتلاش مۇراسىملىرى ئارقىلىق خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارشى خىتاي ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى بىلەن بىر سەپتە كۈرەش قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا.
زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى 2 كۈن ئىلگىرى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنى قوللايدىغان قەشقەردىكى بىر ئىمامنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن كۈچەيتىلگەنىدى.
زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى قەدىمىدە خىتاي ئەسكەرلىرى ئىمام جىنايىتىنىڭ گۇماندارى، دەپ قارىغان 2 ئۇيغۇر تۈركىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر