سارايبوسنا «شېھىتگاھلىق خاتىرە سارىيى» ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

ئىستانبۇلدا سارايبوسنا قەتلىئامىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن مىڭلارچە بوشناقنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «شېھىتگاھلىق خاتىرە سارىيى» مۇراسىم ئارقىلىق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

126710
سارايبوسنا «شېھىتگاھلىق خاتىرە سارىيى» ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا سارايبوسنا قەتلىئامىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن مىڭلارچە بوشناقنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «شېھىتگاھلىق خاتىرە سارىيى» مۇراسىم ئارقىلىق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
سارايبوسنا قەتلىئامىنىڭ 19 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن «شېھىتگاھلىق خاتىرە سارىيى» مۇراسىمىدا، بوسنا ھەرسەكنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باشكونسۇلى خىرۋوجې كانتا، تۈركىيە ۋە ئىستانبۇل بايرامباشا ناھىيەسىنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
بايرامپاشا ناھىيەسىنىڭ باشلىقى ئاتىللا ئايدىنەرمۇ سارايبوسنا قەتلىئامى يۈرگۈزۈلگەن رايوندا، نۇرغۇنلىغان تۈركىيە ۋەتەنداشلىرىنىڭ يېقىن - يورۇقلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
«شېھىتگاھلىق خاتىرە سارىيى» دىن تۈركىيەگە ۋەكالىتەن ئاي يۇلتۇز، ئالبانىيەگە ۋەكالىتەن ئىككى باشلىق بۈركۈت، بوسنا ھەرسەككە ۋەكالىتەن گۈلسامساق فىگۇرىسى ئورۇن ئالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر