ئېنېرگىيەدىكى يېڭى لىنىيە: ئاق دېڭىز

ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «ئېنېرگىيەدىكى يېڭى لىنىيە: ئاق دېڭىز» ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

2126733
ئېنېرگىيەدىكى يېڭى لىنىيە: ئاق دېڭىز

ئېنېرگىيەدىكى يېڭى لىنىيە: ئاق دېڭىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 21-ئەسىردىكى يېڭى بايقاشلارغا سەھنە بولۇۋاتقان ئاق دېڭىز ئويمانلىقى دۇنيانىڭ ھىدرو كاربون بايلىقى يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ يۇقىرى رايونلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان يېڭى بايقاشلار بۇ قاراشنى دەلىللەيدۇ.

ئۇنداقتا، كېلەيلۇق، ئاق دېڭىز ئويمانلىقىدا قايسى دۆلەتنىڭ قانچىلىك زاپىسى بار؟ دېگەن نۇقتىغا...

ئالجىرىيە 12 مىليارد 200 مىليون ۋارىل نېفىت، 4 تىرىليون 300 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسىگە ئىگە؛ لىۋىيەنىڭ 48 مىليارد 400 مىليون ۋارىل خام نېفىتى ۋە 170 تىرىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بار؛ ماراكەشنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا 1 تىرىليون 400 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا؛ مىسىرنىڭ 3 مىليارد 300 مىليون ۋارىل نېفىت ۋە 1 تىرىليون 700 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا؛ تۇنىسنىڭ بولسا، 65 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ۋە 425 مىليون ۋارىل نېفىت زاپىسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، قىبرىس ئارىلى بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى رايوندا 176 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. سۈرىيەنىڭ نېفىت زاپىسىنىڭ 2 مىليارد 500 مىليون ۋارىلغا، تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ 240 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك چارلاش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، شەرقىي ئاقدېڭىزدا 30 مىليارد ۋارىل نېفىتكە باراۋەر ھىدروكاربون زاپىسى بار بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 1.5 تىرىليون دوللارغا يېتىدىكەن. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تەبىئىي گاز ئىكەن...

ئاقدېڭىز ئويمانلىقى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارالىق ئاكتىيورلارنىڭ بۇ رايوندىكى چارلاش ۋە يەر بۇرغىلاش پائالىيەتلىرى بولسا، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئېنېرگىيە تەڭلىمىسىدە يېڭى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بارلىققا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

  جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى 2007-يىلى بىر تەرەپلىمە ھالدا قىبرىس ئارىلى ئەتراپىدا ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ئېلان قىلدى. ئاندىن 13 رايوندا چارلاش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئارقىدىن مىسىر ۋە گىرېتسىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى. ئەنقەرە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىگە ئىنتايىن قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى. ئالدى بىلەن، كۆپ قېتىم ئەسكەرتىشلەرنى ئېلان قىلدى، ئاندىن رايونغا ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتتتى. بۇ جەرياندا كۆك ۋەتەن تەلىماتى ماقۇللاندى. ئەنقەرە لىۋىيە بىلەنمۇ دېڭىز تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

بۇ جەرياندا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى تەرەپتە تۇردى. تۈركىيە ئايلىنىپ ئۆتۈپ، شەرقىي ئاقدېڭىز تەبىئىي گازىنى ياۋروپاغا توشۇشنى مەقسەت قىلغان EastMed تۈرى ئېلان قىلىندى. بۇ تۈر شەرقىي ئاقدېڭىزدىن چىقىرىلغان تەبىئىي گازنىڭ گىرېتسىيە ئارقىلىق ئىتالىيەگە توشۇلۇشىنى مەقسەت قىلاتتى. ئەمما، چىقىمى يۇقىرى بولغاچقا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇ تۈرنى قوللاشتىن ۋاز كەچتى.

ھىدرو كاربون زاپاسلىرىدىن باشقا، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ۋە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى شەرقىي ئاقدېڭىزنى خەلقئارا ئاكتىيورلارنىڭ كۈچ سىنىشىش مەيدانىغا ئايلاندۇرماقتا؛ نۆۋەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەربىي قىسىملىرى بار.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئېنېرگىيە لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىۋەتتىمۇ؟

غەززەدىكى ئۇرۇشنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرىدىمۇ زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. لېكىن، بارلىق ئۆزگىرىشلەرگە قارىماي، ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بولغاچقا، شەرقىي ئاقدېڭىز تۈركىيەنى مۇھىم دۆلەتكە ئايلاندۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر