ئەردوغاننىڭ ھالقىلىق بىر پەيتتىكى ئىراق زىيارىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (17)

2132197
ئەردوغاننىڭ ھالقىلىق بىر پەيتتىكى ئىراق زىيارىتى

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئەردوغاننىڭ ھالقىلىق بىر پەيتتىكى ئىراق زىيارىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

 جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھالقىلىق بىر پەيتتە ئىراقتا مۇھىم زىيارەتتە بولدى. 22 – ئاپرېلدا ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتتە، ئەردوغان ھەم باغداتتا ھەم ئەربىلدە سۆھبەتداشلىرى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى. تەرەققىيات يولى لاھىيەسىدىن تارتىپ تېرورلۇققا قارشى كۈرەشكىچە نۇرغۇنلىغان تېمىلاردا مۇھىم كېلىشىملەر ئىمزالاندى. تۈركىيە-ئىراق ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كونكرېتلاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم بىر ھالقىپ ئىلگىرىلەش قولغا كەلدى.

تۈركىيە بىلەن ئىراق ئىككى قوشنا دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇساپىسىگە قارايدىغان بولساق، بىر قەدەر تۇراقسىز ئۆتكەنلىكىنى كۆرىمىز. بولۇپمۇ ئىراقتىكى ئىشغالىيەت، توقۇنۇش ۋە كۈچ سىنىشىش كۈرەشلىرى بۇنىڭدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئىدى. لېكىن يېقىنقى ئايلاردا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە مەنپەئەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا دائىر يېڭى ئىرادە بارلىققا كەلدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان يول خەرىتىسىنى لايىھىلەپ چىققان بۇ يېڭى باسقۇچتا، تەرەپلەر مىنىستىرلار ۋە تېخنىكا ۋەكىللىرى ھەيئىتى سۈپىتىدە كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئەردوغاننىڭ 22 - ئاپرېلدىكى ھالقىلىق ئىراق زىيارىتىدىن ئىلگىرى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يېڭى ھالىتىنى پىشۇرۇپ يېتىلدۈردى. تەرەپلەرنىڭ زىيارەتتىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان بايانلىرى ئەردوغاننىڭ زىيارىتىگە بولغان ئۈمىدنى تېخىمۇ ئاشۇردى. زىيارەتمۇ كۈتۈلگەندەك بولدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق تەرىپىدىن ئۆزگىچە ئەستايىدىللىق بىلەن كۈتۈۋېلىندى.  ئىراقلىق مەنسەپدىشى ئابدۇللاتىف راشىد ۋە باش مىنىستىر مۇھەممەد شىيا سۇدانى بىلەن مۇھىم ئۇچرىىشىشلار ئۆتكۈزۈلدى. ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، باغداتتىكى ھۆكۈمىت سارىيىدا ھەيئەتلەرئارا يىغىنلار ئۆتكۈزۈلدى. ئاندىن ئوخشىمىغان 26 ساھەدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر سۇدانى بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى. ئىككى تەرەپ سۆھبەتنىڭ ناھايىتى ياخشى ئاساستا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە ئەمدىلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ كونكرېتلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ دائىرىدە، «ئورتاق ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەلىك رامكا كېلىشىمى» نىڭ ئىمزالىنىشى ئالاھىدە مۇھىم بولدى. بۇ كېلىشىملەرنىڭ تارماق تەركىبلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ بىخەتەرلىك، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، سودا، ئىقتىساد، چېگرا ھالقىغان سۇ مەسلىسى ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ ئالاقىدار تېمىلاردا تېخنىكىلىق سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىشى ئۈچۈن دائىمىي بىرلەشمە كومىتېتلارنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.

 باش مىنىستىر سۇدانى سۆزىدە: «ئىراق زېمىنىدىن باشقا دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىنىشىغا يول قويمايمىز» ۋە «ئىراق بىلەن تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئايرىلماس بىر پۈتۈندۇر» دېگەن ئىپادىلەرنى ئىشلەتتى. سۇدانى يەنە: «تۈركىيە بىلەن ئىراقنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى قۇرۇپ چىقىشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدۇق» دېدى.

بۇنىڭ بىلەن پ ك ك تېررورلۇقىغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە ئىراقتىن تەلەپ قىلغان كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر ئىشقا ئاشىدىغاندەك قىلىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداندىن باشقا يەنە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ۋە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى رەئىسى ئىبراھىم كالىننىڭ زىيارەتلىرى، ئاندىن «بىخەتەرلىك مېخانىزم مۇزاكىرىلىرى» بۇ باسقۇچنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، پ ك ك نى ئىراق تەرىپىدىنمۇ چەكلىگەن تەشكىلات سالاھىيىتىگە چۈشۈپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈلۈك بىخەتەرلىك مېخانىزمى قۇرۇلدى. ئەمدىلىكتە ئەردوغاننىڭ زىيارىتى ۋە سۇدانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بايانلىرى بىلەن بۇ باسقۇچنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدىغانلىقى ئېنىق.

  تېرورلۇققا قارشى كۈرەشتىن باشقا يەنە، ھەر ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن قاتتىق ئەھمىيەت بېرىدىغان تەرەققىيات يولى لايىھەسىنى كونكرېتلاشتۇرىدىغان شەكىلدە پىكىر بىرلىكى كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى. مەنپەئەتلەرنى ئورتاقلاشتۇرىدىغان ئۇسۇلنىڭ مەھسۇلى ماھىيىتىدىكى بۇ لايىھە پارس قولتۇقىدىن تۈركىيەگىچە تۇتۇشىدىغان تاش يول ۋە تۆمۈر يول لىنىيەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەرەققىيات يولى لايىھەسى رايون خاراكتېرلىق تەمىنلەش ۋە قاتناش زەنجىرى جەھەتتە مۇھىم تاللاش بولۇپلا قالماي، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىراقتىكى بارلىق ئېتنىك ۋە مەزھەپ قۇرۇلمىلىرىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قېرىنداش دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلىشىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى. تۈركىيە مىللىي ۋە مەزھەپ تەڭپۇڭلۇقى ئىشقا ئاشقان بىر مۇقىم ئىراقنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ناميان قىلغان بولدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، باغدات بىلەن ئىراق كۇرد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ جايىدا بولۇشى ۋە تۈركمەنلەرنىڭ تېگىشلىك سالاھىيەتكە ئېرىشىشىنىڭ ئىراقنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن موھىملىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەيدانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىككىنچى زىيارەت بېكىتى ئەربىل بولدى. ئەردوغان ئايرودورومدا نېچىرۋان بارزانى ۋە ماسۇر بارزانى تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى. ئەردوغان زىيارىتى جەريانىدا نېچىرۋان بارزانى ۋە ماسرور بارزانى شۇنداقلا كۇردىستان دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مەسئۇد بارزانى بىلەن كۆرۈشتى. تەرەپلەر 2016 - يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن بولدى.

بۇ زىيارەت، كۇردىستان دېموكراتىك پارتىيەسى ۋە كۇردستان ۋەتەنپەرۋەرلەر بىرلەشمىسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ شۇنداقلا باغداتتىكى بەزى ئورگانلارنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن بىر پەيتتە، تۈركىيەنىڭ كۇردىستان دېموكراتىك پارتىيەسىنى قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلىشى نۇقتىسىدىن ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتلىك بولدى.

تۈركىيە تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى چوڭ قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، كۇردىستان دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ قوللاشنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا. ئەردوغاننىڭ زىيارىتى جەريانىدا پ ك ك بىلەن ك ي ب نىڭ مۇناسىۋەتلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. ئەگەر ك ي ب بىلەن تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە داۋاملاشقان تەقدىردە، تۈركىيەنىڭ بۇ قۇرۇلمىغا قارشىمۇ ھەربىي تاللاشلارنى ئىشلىتىدىغانلىقى مۇزاكىرە قىلىندى.

نەتىجىدە، ئەردوغاننىڭ ئىراق زىيارىتى ئىنتايىن ھالقىلىق بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان بولدى. بۇ ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن يېڭى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. رايون خاراكتېرلىق خىرىسلاردىن باشقە يەنە، ئورتاق مەنپەئەت ئىككى دۆلەتنى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان ئاساسلىق ئامىلغا ئايلاندى. ئەمدىلىكتە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، تەرەققىيات يولى لەيىھەسى، سودا مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە سۇ مەسىلىسى قاتارلىق ئاساسلىق تېمىلاردا مۇھىم تەرەققىياتلارنىڭ قولغا كېلىشى ئېنىق.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر