«تىلدا، پىكىردە، ئىشتا بىرلىك» ئىدىيەسىنىڭ ئاساسچىسى، تۈركچىلىك ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى غاسپىرالى

نازگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىدىكى سانىدا، «تىلدا، پىكىردە، ئىشتا بىرلىك» ئىدىيەسىنىڭ ئاساسچىسى، تۈركچىلىك ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى ئىسمائىل غاسپىرالى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

2131876
«تىلدا، پىكىردە، ئىشتا بىرلىك» ئىدىيەسىنىڭ ئاساسچىسى، تۈركچىلىك ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى غاسپىرالى

«تىلدا، پىكىردە، ئىشتا بىرلىك» ئىدىيەسىنىڭ ئاساسچىسى، تۈركچىلىك ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى ئىسمائىل غاسپىرالى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: رۇسىيەدىكى تۈركچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاتىسى دەپ قارالغان ئىسمائىل گاسپېرالى تۈرك دۇنياسىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. ئىسمائىل غاسپىرالى قىرىم تاتارلىرىدىن بولۇپ، 1851-يىلى 21-مارت قىرىمنىڭ باھچەساراي شەھىرىگە يېقىن يەردىكى ئاۋجىكۆيدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى مۇستاپا ئەلىئوغلۇ قىرىمنىڭ گاسپىرا يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، چاررۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان لېيتېنانتى، ئانىسى ئەلگە تونۇشلۇق بىر ئائىلىنىڭ قىزى فاتما سۇلتاندۇر. ئىسمائىل غاسپىرالى بىر مەھەللىي مۇسۇلمانلار مەكتىپىدە باشلىغان ئوقۇشىنى ئاقمەسجىد ئەرلەر گىمنازىيەسىدە داۋاملاشتۇرغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋورونېجدىكى بىر ھەربىي مەكتەپكە، ئاندىن موسكۋادىكى ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. موسكۋا ئەينى ۋاقىتتىكى چېكىدىن ئاشقان رۇسىيەچىلىكنىڭ مەركىزى ئىدى. گەرچە ئۇ ئۆزى ئۇچراتقان رۇسىيە زىيالىيلىرىنى ھۆرمەتلىسىمۇ، ئەمما مەكتەپتىكى پان سىلاۋىيان كەيپىيات ئۇنىڭدا رۇسىيە ئىمپېرىيەسىدىكى تۈركلەرنى ئويغىتىش ئويىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغان. ئۇ ۋە دوستى مۇستاپا مىرزا داۋىدوۋىچ ئىستانبۇلغا بېرىپ، گىرىت قوزغىلىڭىغا قاتقاشقان رۇم ئاسىيلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئوسمانلى ئارمىيەسىگە قوشۇلماقچى بولغان ۋە بۇ مەقسەتتە قىرىمغا كەلگەن. پاسپورتلىرى بولمىغاچقا، ئودېسا چېگراسىغا بارماي تۇرۇپلا تۇتۇلۇپ قالغان.

بۇ ۋەقە غاسپىرالىنىڭ ھەربىي ئوقۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. موسكۋاغا قايتىپ كېتەلمىگەن غاسپىرالى، 1868-يىلى 17 ياش ۋاقتىدا، باھچەسارايدىكى زەنجىرلىك مەدرىسىسىدە رۇس تىلى ئۆگىتىشنى باشلىغان. ئۇ 1872-يىلى قىرىمدىن يولغا چىقىپ، ئىستانبۇل، ۋىيېننا، مىيۇنخېن ۋە شتۇتگارتلارنى بېسىپ ئۆتۈپ پارىژغا بارغان ۋە پارىژدا تۇرغان ئىككى يىل جەريانىدا، رۇسىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ئىۋان تۇرگېنېفنىڭ ياردەمچىسى ۋە تەرجىمانى بولۇپ ئىشلىگەن.  1874-يىلى ئوسمانلى ئوفىتسېرى بولۇش ئارزۇسى بىلەن، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان شەھەر ئىستانبۇلغا كەلگەن، ئەمما بىر يىل ساقلاپ ئىجابىي جاۋابقا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن قىرىمغا قايتىپ كەتكەن. ئۇ 1878-يىلىدىن 1884-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا باھچەساراينىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان. كۆرگەن، زىيارەت قىلغان بارلىق جايلاردا ھاسىل قىلغان تەجرىبە-ساۋاقلىرى ئاساسىدا بارلىق ئىرقداشلىرىنى ئويغىتىپ سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن، نەشرىياتچىلىق خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغان بولسىمۇ، رۇسلار ئۇنىڭ گېزىت چىقىرىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ 1881-يىلى «ئاقمەسجىد» دا نەشر قىلىنىۋاتقان «تاۋرىدا» ناملىق گېزىتتە «ياش موللا» دېگەن تەخەللۇس بىلەن كېيىنچە «رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى» دېگەن نامدا ئېلان قىلىنغان كىتابىنىڭ ماقالىلىرىنى يېزىپ ئېلان قىلىشنى باشلىغان. ئەمما ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ ئارزۇسى تۈرك تىلىدا گېزىت چىقىرىش ئىدى. ئۇ رەسمىي ئۇرۇنۇشلىرى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، تىفلىستا ئوخشىمىغان ئىسىملار بىلەن خىتابنامىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ۋەرەقىلەرنى تەييارلاپ تارقاتقان. ئۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ھەممىسىنى رۇسچە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش شەرتى بىلەن، 1883-يىلى تۈرك تىلىدا گېزىت نەشر قىلىشقا ئىجازەت ئالغان. بىرىنچى سانى باھچەسارايدا نەشر قىلىنغان ھەپتىلىك گېزىتنىڭ ئىسمى «تەرجۇمانى ئەھۋالى زامان» بولۇپ، 1912-يىلىدىن تارتىپ كۈندىلىك گېزىتكە ئايلاندۇرۇلغان. غاسپىرالى بىر تەرەپتىن گېزىت چىقىرىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇسۇلى-جەدىد مەكتەپلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ تەييارلىقلىرىنى قىلغان. بۇ مەقسەتتە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن جايلارنى زىيارەت قىلغان. بۇ پائالىيەتلىرى جەريانىدا سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، 1914-يىلى 24-سېنتەبىر باھچەسارايدا قازا قىلغان.

پۈتۈن ئۆمرىنى دېگۈدەك ئىرقداشلىرىغا ۋە تۈركلۈككە بېغىشلىغان غاسپىرالىنىڭ «تىلدا، پىكىردە ۋە ئىشتا بىرلىك» ھەرىكىتى بۈگۈنكى كۈندە تۈرك دۇنياسىنىڭ شوئارىغا ئايلاندى. ئۇ ماقالىلىرىنىڭ بىرىدە، ئۆزىنىڭ يىگىرمە بەش يىللىق ھاياتىدا نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بۇ مېنىڭ يىگىرمە بەش يىلدىن بۇيان ئېيتقان، يازغان ۋە ئىشلەۋاتقانلىرىم؛ چارە تېپىش، يول ئېچىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى دانا، ئالىيجاناب، ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك، سەۋرچان ۋە جەسۇر تۈرك مىللىتىنىڭ پاراكەندە بولۇپ، سەددىچىندىن ئاقدېڭىزغىچە تارقالغان بولۇشىغا قارىماي،  نوپۇسسىز ۋە سۈكۈتتە قېلىشىغا ئورتاق تىلىنىڭ بولماسلىقى سەۋەب بولدى. مەن بۇ ئىشەنچ بىلەن ياشىدىم، بۇ ئىشەنچ بىلەن قەبرىگە كىرىمەن» دېگەن.

پۈتۈن ئۆمۈرىنى سەرپ قىلغان «تەرجۇمان» گېزىتى رۇسىيە ھەمدە چەت ئەللەردە پولشادىن بومبايغىچە، ئۇفادىن مىسىرغىچە بولغان كەڭ رايونلارغا تارقالغان. ئىسمائىل بەگ غاسپىرالى ئۆزىنى قىرىم تاتارىلا ئەمەس، بەلكى بۈيۈك تۈرك دۇنياسىنىڭ ۋەكىلى دەپ قارايتتى. تاتار مۇتەپەككۇر جەلال ۋالىدوفنىڭ «تاتارلارنىڭ مائارىپ تارىخى ۋە ئەدەبىياتى توغرىسىدا» ناملىق كىتابىدا، غاسپىرالىنىڭ گېزىت نەشر قىلىش ئويىغا كەلگەندىن كېيىن، داڭلىق تاتار ئالىمى ۋە مائارىپچىسى شىگابۇددىن مەرجانىدىن مەسلىھەت سورىغانلىقىنى يېزىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئۇ گېزىت چىقىرىش پىلانىنى تەستىقلىغان ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرگەن مۇھىم شەخس ئىدى. «تەرجۇمان» گېزىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئۇنىڭدا ئورۇن بېرىلگەن تېمىلارنىڭ كەڭلىكى، تارقالغان جۇغراپىيەسى ۋە ئىزچىل يېڭىلىنىپ تۇرۇشىدىنلا چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، 1851-يىلىدىكى ئىككىنچى سانىدا، «ساراتوف تاتارلىرى» ۋە «سىبىرىيە مۇسۇلمانلىرى»، 1902-يىلى 18-سانىدا «قاسىموف تاتارلىرى ۋە ياۋروپا مەدەنىيىتى» ، 1906-يىلىدىكى «93-95» سانلىرىدا «ئۇچرىشىش»، «تۆۋەنكى نوۋگورودتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى» ۋە شۇ يىلىنىڭ 79-83- سانلىرىدا «خىتاي مۇسۇلمانلىرى» ناملىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. غاسپىرالى پۈتۈن ھاياتىنى «تىلدا، پىكىردە ۋە ئىشتا بىرلىك» شوئارى ئاستىدا تۈرك خەلقلىرىنى يېقىنلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي ئېڭىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بېغىشلىغان. ئۇ يەنە دىققىتىنى تۈرك خەلقلىرىنىڭ مائارىپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇسۇلمانلار مەكتەپلىرىنى ئىسلاھ قىلىش، تىل ۋە دۇنياغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى ئەلۋەتتە بىكارغا  كەتمىگەن. 1914-يىلى، پەقەت رۇسىيە ئىمپېرىيەسى چېگراسى ئىچىدىلا 5000 دىن ئارتۇق «ئۇسۇلى جەدىد» مەكتىپى ئېچىلغان. 1910-يىلى، فىرانسىيەنىڭ «Pevul du monde musulman» ناملىق ئىجتىمائىي-سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ژۇرنىلى، مائارىپ ساھەسىدىكى خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن ئۇنى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن. شۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا، رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشايدىغان نۇرغۇن نەشرىياتچىلار، يازغۇچىلار ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەر ئۆزىنى ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەپ قارايتتى. غاسپىرالى بەش گېزىتتە يازغان ماقالىلىرىدىن سىرت، 38 پارچە كىتاب ۋە نۇرغۇن ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۈلگە بولغان..

بۈگۈنكى كۈندە، تۈرك دۇنياسى رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، تۈرك ئاكادېمىيەسى، تۈركسوي، تۈركپاغا ئوخشاش چوڭ ئورگانلار غاسپىرالىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىدىيەلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ قۇرۇلدى. بىر ماقالىگە سىغمايدىغان ئېسىل ئەسەرلىرى، خىزمەتلىرى، ئىدىيەلىرى، قىسقىسى دەۋاسى تۈرك دۇنياسى ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇنى ئۇنتۇپ قالماي، كەلگۈسىگە ئېلپ بېرىشى ئارقىلىق مەڭگۈ ياشنايدۇ.

 

مەنبەلەر:

1. Mustafa TOKER. (2001). İsmail Gaspıralı ve “Dilde Birlik” Fikri Üzerine. Karapınar, 31-46. S.

2. https://islamansiklopedisi.org.tr/gaspirali-ismail-bey

3. Mehmet Saray. (1987). Türk Dünyasında Eğitim Reformu ve Gaspıralı İsmail Bey (1851-1914). Ankara.

4. https://tatarica.narod.ru/cult/biographies/lit/gaspr.htm



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر