12 يۇلتۇز

چۈنكى (17)

2133250
12 يۇلتۇز

12 يۇلتۇز

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «چۈنكى...» ناملىق پروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، نەزىرىمىزنى ئاسمانغا توغرىلاپ، يۇلتۇزلار ھەققىدە پاراڭ سالىمىز. ئاسماندىكى جىسىملارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ھاياتىغا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا دائىر مۇنەججىملەرنىڭ سۆزلىرىگە قاراپ يۈرمەي، ئۇدۇل 12 يۇلتۇز ھەققىدە توختىلىمىز. پروگراممىمىزنى «12 يۇلتۇز بار، چۈنكى...» دېيىش بىلەن باشلايمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

**** ****** ***** ****

كۆك يۈزى بىلىنگەن دەسلەپكى دەۋرلەردىن تارتىپلا ئادەم ئەۋلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. ئاقار يۇلتۇزلار، يورۇقلۇق ۋە ھارارەت بەخش ئېتىدىغان قۇياش، كۈندۈزى غايىب بولۇپ، كېچىدە پەيدا بولىدىغا ئاي... ئىنسانلاردا ھەيرانلىق بىلەن بىرگە قورقۇنچلارنىمۇ پەيدا قىلغان. بۇ ساماۋى ھەرىكەتلەرنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىلىنمەسلىكى بىلەن ئىنسانلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى بىرلىشىپ، ئەپسانىلەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان ھېكايىلەر مەيدانغا كەلگەن. سىمۋوللۇق ئۇسلۇبتا كائىناتنىڭ شەكىللىنىشى ياكى تارىخى ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەيدىغان ئەپسانىلەرگە مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ھەقىقەتتەك مۇئامىلە قىلىنىشقا باشلانغان ۋە ساماۋى جىسىملارنىڭ ھەرىكىتى تارىخنى يېتەكلەيدىغان ئامىللار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

ھېچقانداق كۆزىتىش ئاساسى بولمىغان ئاسترونومىيەنى بىر چەتكە قايرىپ قويساقمۇ 12 يۇلتۇزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە ئىلمىي نۇقتىدىن سۆز ئېچىشقا بولىدۇ. مۆچەلدىكى ئون ئىككى يۇلتۇز تۈركۈمى <بۇرچ> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مۆچەل يىل بويى ساما دائىرىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يولىنى بىلدۈرىدىغان ئاي شارىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا تەخمىنەن 8 گرادۇسلۇق ئەگمە شەكىللىك رايونىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۆچەل گۇرۇپپىسىدىكى ئاي شارى ۋە ئەڭ يورۇق سەييارىلەرنى يەرشارىدىن كۆرگىلى بولىدۇ. مۆچەل ئاي شارىنى بويلاپ ھەر بىرى 30 گرادۇسلۇق لىنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان 12 تەڭ پارچىغا بۆلىنىدۇ.  

شەھەر چىرىغى بولمىغان مەزگىللەردە يەرشارىمىزدىن كۆز بىلەن ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان بۇ يۇلتۇز تۈركۈمى ئىنسانلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى بىلەن ھەر خىل جانلىقلارغا ئوخشتىلىپ ئىسىملار قويۇلغان ئىدى.  قوچقار، ئۆكۈز، جېمىنە، راك، شىر، باشاق، تارازا، چايان، يا، لوڭقا ۋە بېلىق دەپ ئىسىملار قويۇلغان ئىدى. <قوياش بۇ ئون ئىككى يۇلتۇز ئارىسىدا تەخمىنەن بىر ئاي نۆۋەت بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ> دېگەن قاراشقا بىنائەن شۇ ئايلاردا تۇغۇلغان كىشىلەر شۇ يۇلتۇزغا مەنسۇپ قىلىنىدۇ. 

ئالەم ھادىسىسى بولغان يۇلتۇز تۈركۈمى، مەدەنىيەت تارىخى بويىچە كەلگۈسىدىن خەۋەر بېرىدىغان ئوبيېكت دەپ قارىلىپ كەلدى. قەدىمكى دەۋرلەردە سارايلاردا بۇ ئىشقا تەينلەنگەن مۇنەججىملەر بولغان بولسا، بۈگۈنكى زامانىۋى مەدەنىيەتتە بۇ ۋەزىپىنى يەلكىسىگە ئېلىۋالغان نۇرغۇن كىشىلەر، ئاممىۋى ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ يۈرمەكتە.  بىز يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئىنساننىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى بەلگىلەش ئىقتىدارى بار ياكى يوقلىقىنى سىلەرنىڭ قارىشىڭلارغا تاشلاپ قويۇپ، سىلەر بىلەن مۇشۇ يەردە خوشلاشماقچىمىز.

پروگرامما گۇرۇپپا ئەزايىمىز نۇرەتتىن چەتىن ۋە ئالپەر بەشەگە ۋاكالەتەن، مەن دىكتور كامىلجان كاشغەرىي ھەممىڭلارغا خۇشاللىق شۇنداقلا ئۇچۇر ۋە بىلىمگە تولغان كۈنلەرنى تىلەيمەن. خەير خوش!

 


خەتكۈچ: #چۈنكى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر