غەززەگە تاشلانغان ياردەم پاراشۇتلىرى ئېچىلماي، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

ئىسرائىلىيە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززەنىڭ شىمالىغا ھاۋادىن تاشلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ساندۇقلىرى باغلانغان پاراشوتلار ئېچىلماي نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى.

2135352
غەززەگە تاشلانغان ياردەم پاراشۇتلىرى ئېچىلماي، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززەنىڭ شىمالىغا ھاۋادىن تاشلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ساندۇقلىرى باغلانغان پاراشوتلار ئېچىلماي، رايوندا ياردەم كۈتۈۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشتى؛ ۋەقەدە نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە يەنە نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.

غەززەدىكى خەلق مۇداپىئە ئەترىتى باياناتچىسى مەھمۇد باسال يازما بايانات ئېلان قىلىپ، غەززەنىڭ شىمالىغا ياردەم ئېلىپ بارغان ئايروپىلانلار تاشلىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ساندۇقلىرى باغلانغان پاراشوتلار ئېچىلماي، رايوندا ياردەم كۈتۈپ تۇرغان بىر تۈركۈم پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشكەنلىكىنى، ۋەقەدە نۇرغۇن كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە يەنە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

باسال قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلار سانى ياكى ياردەم تاشلىغان ئايروپىلانلارنىڭ قايسى دۆلەتكە تەۋە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.

غەززەدە 8-مارتتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ۋەقە يۈز بېرىپ، 5 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر