رۇسىيە فىرانسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

رۇسىيە فىرانسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە تەڭداشسىز چوڭقۇر كىرىزىس ئىچىدە» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

2143040
رۇسىيە فىرانسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياۋروپا باشقارمىسى باشلىقى ئارتيوم ستودېننىكوف «رىيا نوۋوستى» ئاگېنتلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «رۇسىيە-فىرانسىيە مۇناسىۋىتى ھەقىقەتەن چوڭقۇر كىرىزىسقا دۇچ كەلدى، ۋەزىيەتنى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرى بىلەنمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئاساسلىق ساھەلىرى، سىياسەت ۋە ئىقتىسادتىنلا ئىبارەت ئەمەس؛ مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە تەنتەربىيە ساھەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلەرمۇ فىرانسىيە تەرەپنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىماقتا.

ستۇدېننىكوف پارىژنىڭ ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىش پىلانىغا باھا بېرىپ: «ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۇنىڭغا قايتۇرۇلىدىغان ئىنكاس تەدبىرلىرى سىياسىي ساھەدىن ھالقىپ كېتىدۇ. بىز فىرانسىيە تەرەپنى بۇ مەسىلە توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇردۇق» دېدى.

ئۇ يەنە، بۇنىڭ موسكۋانىڭ تاللىشى ئەمەس، بەلكى «غەربنىڭ ئۇزۇن يىللار بويىچە رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن، ئاقىۋەت بىر ئارىلاشما ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن بېسىم سىياسىتى»نىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون رۇسىيە ئارمىيەسى ئالدىنقى سەپنى بۆسۈپ ئۆتكەن ۋە كىيېۋ ياردەم تەلەپ قىلغان تەقدىردە، ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر