ئالبانېسې: بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھېسابات ئېچىش چەكلىمىسىنىڭ كېڭەيتىلىشىنى قوللايمەن

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانېسې بالىلارنىڭ 16 ياشقا كىرگۈچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ھېسابات ئېچىشىنى چەكلەش تەكلىپىنى قوللاپ، كىچىك ياشلاردا توردا بەك كۆپ ئالاقە ئورنىتىشنىڭ ئۇلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2142706
ئالبانېسې: بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھېسابات ئېچىش چەكلىمىسىنىڭ كېڭەيتىلىشىنى قوللايمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئالبانېسې بالىلارنىڭ «تور مۇھىتىدا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان ئىجتىمائىي بېسىملارغا دۇچ كەلمەستىن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ھېسابات ئېچىش تۆۋەن ياش چەكلىمىسىنى 13 ياشتىن 16 ياشقا چىقىرىش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالبانېسې بىر رادىيو سۆھبەت پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ: «بىزنىڭ ئارزۇ قىلىۋاتقىنىمىز، ئەڭ ياش ئاۋسترالىيەلىكلىرىمىزنىڭ كۆپرەك ۋاقتىنى سىرتتا چېنىقىپ ئۆتكۈزۈشى، ئۆزئارا نورمال ئالاقە قىلىشى ۋە توردا ئاز ۋاقىت سەرپ قىلىشىدۇر. بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ بىر يولى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا چەك قويۇشتىن ئىبارەت» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر