ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىدە پارتلاش يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىنىڭ دەھياك رايونىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 5 ئادەم قازا قىلدى.
1384009
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەزنە ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئەھمەدخان سىرەت تاراتقۇلارغا بايانات بېرىپ، دەھياك ناھىيەسىنىڭ خۇشك رايونىدىكى يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ ساقچى ماشىنىسى ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا پارتلىغانلىقىن، ھۇجۇمدا 4 نەپىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي 5 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تالىباننى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى، دەپ كۆرسەتتى.
ئەمما، ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.