ئىراندىكى نامايىشلاردا ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ سانى 6 گە يەتتى

ئىراننىڭ ھۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق ماھشەھىر ناھىيەسىدىكى نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا، بىر ساقچى ئۆلۈپ، 2 ساقچى يارىدار بولدى.

1309694
ئىراندىكى نامايىشلاردا ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ سانى 6 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تابناك خەۋەرلەر تورى، ساقچى ئالاھىدە قىسىم كوماندانى ھەسەن كەرىمىنىڭ باياناتلىرىغا مەخسۇس ئورۇن ئاجراتتى.

ھەسەن كەرىمى باياناتىدا، «ماھشەھىر ناھىيەسىدە يەكشەنبە كۈنى نامايىشچىلار بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، يۈز بېشى ساقچى مەمۇرى رىزا سەييىد جېنىدىن ئايرىلدى ۋە 2 ساقچى يارىدار بولدى» دېدى.

شۇنداق قىلىپ ئىراندا نامايىش باشلانغان كۈندىن بۈگۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ سانى 6 گە يەتتى.

ئامېرىكا يۈرگۈزگەن ئېمبارگورلارنىڭمۇ تەسىرىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قېيىن ئەھۋاللارنى باشتىن كەچەرىۋاتقان ئىران خەلقى 15نويابىردا بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆرلىتىلىشىگە قارشى نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە تەڭلا نامايىش باشلىغان ئىدى. 

نامايىش جەريانىدا بەزى شەھەرلەردە ھۆكۈمەت بىنالىرىغا زىيان يەتكۈزۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر