ئامېرىكا سۈرىيەدىكى نېفىتلىكلەرگە زاپاس ئەسكەر ئەۋەتتى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان نېفىت ساھەلىرىدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرى تۈنۈگۈن رايونغا ئىككى قېتىم زاپاس قىسىم يوللىدى.

1295492
ئامېرىكا سۈرىيەدىكى نېفىتلىكلەرگە زاپاس ئەسكەر ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دائىرىلىرى تۈنۈگۈن ئەتىگەندە ئەلئۆمەر نېفىت ساھەسىگە ئەۋەتكەن بىرىنچى تۈركۈم زاپاس ئەسكەرلەردىن كېيىن، سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى نېفىت ساھەسىگە ئىككىنچى تۈركۈم زاپاس قىسىملىرىنى ئەۋەتتى.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق بازىسىدىن ئايرىلغان بىر بۆلۈك ئەسكەرلەر تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىراق – سۈرىيە چېگراسىدىكى ئەليەرۇبىييە گازارمىسىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ يەردىن يولغا چىقىپ ھاساكە ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك ئىشغالى ئاستىدىكى رۇمەيلان نېفىت ساھەسىگە باردى.

ئەسكەرلەر ئولتۇرغان 13  بىرۇنېۋىكنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى قوغداپ ماڭدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر